كانچى ئوتتۇرا مةكتةپنىڭ 2016-يىللىق قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى خىزمىتى خۇلاسىسى
مةكتىۋىمىز بۇبىر يىل ئىچىدة خىزمةتلىرىمىزنى پىلان بۇيىچة قانات يايدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ساغلاملىق تةربىيىسىنى كۈچةيتىپ، ساغلام بةدةن كةلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تةربىيىلةپ چىقىش ئۈچۈن تۈۋةندىكىدةك خىزمةتلةرنى ئىشلىدۇق.
1- تةنتةربىية خىزمىتىگة بولغان تةلةپنى كۈچةيتىپ، مةكتةپلةرنىڭ تةنتةربىية دةرسنى ياخشى ئۆتۈشكة ھةقىقى كېپىللىك قىلدۇق،مةكتةپلةرنىڭ تةنتةربىية دةرسىگة بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچةيتىپ، ئىككى گىمناستىكىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئةھمىيةت بةردۇق.ئىككىنچى دةرسخانا پائالىيىتىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تةنتةربىية ئاساسى بىلىملىرىنى ئىگةللةپ، جىسمانى جةھةتتىن ساغلام تةرةققى قىلشىغا كۆڭۈل بۆلدۇق.
2- ھةر قايسى سىنىپلاردا ساغلاملىق دةرسىنى مةخسۇس ھةر ھةپتىدة بىر سائةت ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مةۋسۈم ئاخىرىدائوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتىشىنى %95گة يةتكۈزدۇق.
3- ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ساغلاملىق تةربىيةسى تةشۋىقاتىنى كۈچةيتىپ،مةكتىۋىمىزدىكى قارا دوسكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھةر خىل شةككىللةردة تةشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، مةكتةپ ئىچى ۋة ئائىللةردة يۇقۇملۇق كېسةللةرنىڭ تارقىلىشنىڭ ھةقىقى ئالدىنى ئالدۇق ۋة بۇ مةۋسۈمدة 10پارچة تةشۋىقات ماتىريالى يېزىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق يةنة رادىئوكارنىيى ئارقىلىق تةشۋىقات ئېلىپ باردۇق.
4- مةكتةپنىڭ دةرستىن سىرتقى تةنتةربىة پائالىيتىنى بېيتىش، 2- دةرسخانا پائالىيتىنى جانلاندۇرۇش،مةكتةپ كۇرژۇك پائالىيتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ئةتىراپلىق تةربىيلةپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىليىتىنى يۇقىرى كۈتۈرىشكة يىتةكچىلىك قىلدۇق.
5- بۇ مةۋسۈمدة 2 قېتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىپ ، مۇشۇ پۇرسةتتىن پايدىلىنىپ يود كةملىك كېسىلىگة بولغان تةشۋىقاتنى كۈچةيتىپ،ئوقۇغۇچىلار ۋة ئائىللةردة تاش تۇزى ئىشلةتمةسلىك، يۇدلۇق تۇز ئىچىش پائالىيىتىنى كةڭ تۈردة تةشۋىق قىلپ، يود كةملىك كېسىلىنڭ ئالدىنى ئېلىپ، تةشۋىق-تةربىيةنى ئائىللةرگىچة كېڭةيىتپ، ئائىلة باشلىقلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كةلتۈردۇق .
6- مةكتىۋىمىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىسةللىك بايقالغان ھامان ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلةپ ،يېزا دوختۇرخانىسىدىكى خادىملار بىلةن بىرلىكتة ئۇلارغا قةرةللىك ھالدا ۋاكسىنا ئةملةپ، يۇقۇملۇق كېسةللىكلةرنىڭ ھةقىقى ئالدىنى ئالدۇق .
7- ئوقۇغۇچىلارنىڭ شةخسى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۈچۈن بۇ مةۋسۈمدة 15قېتىم شةخسى تازىلىق تةكشۈرۈپ خۇلاسة قىلىپ، دةرىجىگة تۇرغۇزدۇق.
8- ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بةدةن قىلىش ئۈچۈن مةكتىۋىمىزدة ئۇلارنى كۇندە بىر سائەت تةنتةربىية بىلةن بةدةن چېنىقتۇرۇشقا يېتةكلةپ،ياخشى نةتىجىنى قولغا كةلتۈردۇق.
9- ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق تةربىيىسىنى كۈچةيتىش بىلةن بىرگة مةكتةپتة ھةر بىر سىنىپتىكى قول يۇغۇچتا سۇ بۇلۇش ،ئوقۇغۇچىلار سۇغۇق سۇ ئىچمةسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق.ئۇقۇغۇچىلارغا سوغۇق سۇ ئىچمةسلىك كىسةللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىشنىڭ ئالىدىنى ئېلىش بۇيىنچة تةربىية ئېلىپ باردۇق.
كانچى ئوتتۇرا مةكتةپ
2016-يىلى 12-ئاي