تاشئېرىق يېزا ئارتۇگمەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2014-2015-يىلى 1-مەۋسۇملۇق «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىتىنى يولغا قۇيۇش لاھىيەسى
تاشئېرىق يېزا ئارتۇگمەن باشلانغۇچ مەكتەپ
2014-يىل 8-ئاي
تاشئېرىق يېزا ئارتۇگمەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2014-2015-يىلى 1-مەۋسۇملۇق «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىتىنى يولغا قۇيۇش لاھىيەسى
يوقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى يولغا قۇيۇپ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ساغلام بەدەن بۇلۇشى، تەن ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتۇق.
1.يىتەكچى ئىدىيە
يوقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى يولغا قۇيۇپ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇياش نۇرىدىن بەھىر ئېلىپ ساغلام بەدەن بۇلۇپ تەن ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى برقانچە پىكىرى.
2.قاتنىشىش ئوبىكىتلىرى
مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار.
3.پائالىيەتنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە تەلەپلەر
1) مەكتەپ مەمۇرىيتى ۋە مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىپ «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى يولغا قۇيۇش رەھبەرلىك گۇرۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
2) «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى يولغا قۇيۇش رەھبەرلىك گۇرۇپىسى بىلەن مەكتەپ ئىلىمىي بۈلمى بىرلىشىپ «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇش ۋاقتىنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇردۇ.
3)رەھبەرلىك گۇرۇپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ بارماقچى بولغان « مەكتەپ سەنىمى» ، «ئارقان سەكرەش»، ۋالىبۇل ، پالازدا موللاق ئېتىش، ۋاسكىتبول، ، تەپكۈچ تېپىش، ئارقان تارتىش قاتارلىق ئۇيۇنلارنىڭ ھەربىر تۈرىگە كونكىرىت مەسئۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ تەرتىپلىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكى بۇيىچە مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ۋە شۇتۈردىكى ئۇيۇنلار ئىچىدە مۇسابىقە پائالىيتىنى يولغا قۇيۇپ پائالىيەتنىڭ قىزىقارلىق، جانلىق ، رىقابەتچانلىق مۇھىتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5) ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بېرىلغان پائاىيەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەيمىز ۋە ئارتۇچىلىقىنى تېخىمۇ جارىي قىلىدۇرۇپ، كەمچىلىكلەرنى ئۆزلۈكسىز تۈزۈتۈپ «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» پائالىيىتىىنى ئۈنۈملۈك يولغا قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.